ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ

parida 2017-08-10 18:41:14

\

گوللاندىيە خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلەپ 1.1610 نۇقتىغا چۈشىدىكەن. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى كۈچلۈك بولدى، شۇڭا بازار جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچىگە زور ئىشەنچ باغلىدى. نۆۋەتتە ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 1.18-1.16 نۇقتا دائىرىسىدە تەۋرىنىدىغانلىقى ھەمدە ھەپتە ئاخىرىدا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئەگەر ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا PPI ۋە CPI سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقسا، ئۇنداقتا ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 1.1620-1.1610 نۇقتا ئارىلىقىدا تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.