ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە V شەكىللىك تەتۈر ئايلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى

parida 2017-08-10 13:02:43

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تىۋىتېردا چاۋشىيەنگە بولغان غەزىپىنى قايتا ئىپادىلىگەچكە، چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 9-كۈنى) شىمالىي ئامېرىكا بازىرىدا «ۋەھىمە كۆرسەتكۈچى» يەنمۇ يۇقىرىلىدى، خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى تېخىمۇ كۈچەيدى، ياۋرۇپا-ئامېرىكا پايچەك بازىرى يەنىمۇ كاساتلاشتى، يىن، شۋىتسارىيە فرانكى قاتارلىق خەتەردىن ساقلىنىش پۇللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئۆستى، ئالتۇن باھاسى 1270 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە V شەكىللىك تەتۈر ئايلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئامېرىكا غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە بىرلىك ئەمگەك كۈچى تەننەرخى كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ قسىقا سىزىقى يۇقىرىلىدى، ئەمما جۈمە كۈنى ئامېرىكا پۇل پاخاللىق كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن بازار يەنىلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى ناھايىتى تېزلا ئۆسۈش نىسبىتىنى قايتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.
يەرشارى تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دوللار بىلەن يىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتا 109.53 غا چۈشتى؛ دوللار بىلەن شۋىتسارىيە فرانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى %1.30 تۆۋەنلىدى، ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتا 0.9611 غا چۈشتى؛ ياۋرۇ بىلەن شۋىتسارىيە فرانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى شۋىتسارىيە مەركىزىي بانكىسى شۋىتسارىيە فرانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى بىكار قىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ يەككە كۈن چۈشۈش نىسبىتىنى ياراتتى.
شىمالىي ئامېرىكا بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ قىسقا سىزىقى تۇيۇقسىز چوڭ نىسبەتتە ئۆرلىدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 93.86 نۇقتىغا چىقتى، ئارقىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆسۈش نسىبىتىنى قايتۇرۇۋالدى ھەمدە تەڭپۇڭ ھالەتكە قايتتى؛ ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىسقا سىزىقى بىردىنلا 60 نۇقتا تۆۋەنلىدى، 1.17 نۇقتىلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1.1687 نۇقتىغا چۈشتى، ئارقىدىن چۈشۈش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە كېمەيدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.