دوللار قايتىدىن كۈچەيسە ياۋرو زور خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن

rabigul 2017-08-09 13:06:08

\

FX168 مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چەتئەلدىكى داڭلىق مالىيە - ئىقتىساد تور بېكىتى CNBC سەيشەنبە ) 8-ئاينىڭ 8-كۈنى( دوكلاتتا مۇنداق دېدى، دوللار كۆرسەتكۈچى بۇ يىل بۈگۈنگىچە تەخمىنەن 9% تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن باي دۆلەت بانكىسى(Wells Fargo) نىڭ تەھلىلچىسى، بۇ خىل ۋەزىيەت بەلكىم پات ئارىدا ئۆزگىرىشى مۇمكىن دېدى؛

گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىككى قېتىم ئۆسۈم قوشقان بولسىمۇ، لېكىن كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى، سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە چەت ئەل ۋەزىيىتىنىڭ توغرىسىدا ئىجابىي تەرەققىياتى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىۋەتتى.

باي دۆلەت بانكىسىنىڭ دۇنيا مىقدارلاشتۇرۇش تەھلىلچىسى Sameer Samana دۈشەنبە كۈنىدىكى بىر پارچە دوكلاتتا مۇنداق دېگەن: " بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئامېرىكا دوللىرى يېقىندا ھەددىدىن زىيادە تۆكمە قىلىپ سېتىلىشقا ئۇچرىدى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، دوللار نۆۋەتتىكى سەۋىيىسىدىن بىر قەدەر يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن، بۇ ھازىرقى يۈزلىنىشنىڭ ئۆزگىرىشى."

باي دۆلەت بانكىسىنىڭ دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە بولغان مۆلچەرنىڭ يېڭىلىنىشىدىكى ئۈچ چوڭ سەۋەب: دۇنيا ئۆسۈم نىسبىتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە پۇل پاخاللىقى ئارىسىدكى ئوخشىماسلىق؛ ياۋروپا رايونىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن سىياسىي خەۋپ - خەتىرى؛ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان زىيادە ئۈمىدسىزلىكى؛

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ھازىر ئۆسۈم قوشۇش ھەمدە مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنى قىسقارتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ناھايىتى تېزلا مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمى ياۋروپا رايونىغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز. باي دۆلەت بانكىسى مۇنداق دېدى، " گەرچە ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئالدىنقى ئورۇندا مېڭىشى كىچىكلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دوللارغا پايدىلىق."

ئەڭ ئاخىردا باي دۆلەت بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، مەبلەغ سالغۇچىلار دوللارنىڭ چۈشۈش دەرىجىسى 2014-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سەۋىيىگە يەتتى دەپ قارايدۇ، " بۇ ئەھۋال بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دوللارغا پايدىلىق بولغان ئىجابىي خۇشاللىق ئۈچۈن ئاساس سالدى."

باي دۆلەت بانكىسى، 2017 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كارخانىنىڭ پايدا ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن زۆرۈر بولمىغان ئىستېمال بۇيۇملىرى، پۇل مۇئامىلە، داۋالاش - سالامەتلىكنى ئاسىراش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق بۇ تۆت بۆلەكلىك ئىپادىسى مۇقەررەر ھالدا چوڭ ئايلىنىشتىن قېچىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.