ھاۋالە مۈلۈك تەقسىماتىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالى قانداق كېلىپ چىققان ؟

rabigul 2015-12-01 18:41:35

\

2015-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا ھاۋالە فوند مەھسۇلاتىنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە تارقىتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، سۈپەتلىك مۈلۈكنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ھاۋالە مۈلۈك تەقسىماتىنىڭ تۆۋەنلەش مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولدى.

پاي چېكى بازىرىدىكى داۋالغۇش ۋە ئۆي بازىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن چېكىنىپ چىققان مەبلەغ، مەبلەغ سېلىش قىيىن بولغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشقا دۇچ كەلگەن . " مۈلۈك تەقسىماتىنىڭ تۆۋەنلىشى" نىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارغا بىۋاستە كۆرسىتىدىغان تەسىرى شۇكى، ھاۋالە شىركىتى تارقاتقان مەھسۇلات بارغانسېرى ئازلاپ، پايدا نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ بارىدۇ. ھازىر بۇ ھادىسە ئىزى تېخى ئاياغلاشقىنى يوق، ھاۋالە قىلىنغان توپلام مالىيە مەھسۇلاتلىرىدىن قارىغاندا، پايدا نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، نۆۋەتتە %8 ئەتىراپىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بازار ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە كەڭ پۇل سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىششىغا ئەگىشىپ، پايدا نىسبىتى ئاللىقاچان تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى.

ھاۋالە مۈلۈك تەقسىماتىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالى قانداق كېلىپ چىققان ؟ A پاي چېكى بىردىنلا چۈشۈپ كەتكەندىن بېرى، قاچقان مەبلەغنى بەس-بەستە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ھاۋالە مەھسۇلاتى، بانكا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، شىركەت زايومى ۋە ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇن يوق.

يەنە بىر تەرەپتىن، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، كەڭ پۇل سىياسىتى مارگىنال ئېففېكتىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىدى، سېلىنما مەبلەغ ئازلاپ ئەمەلىي ئىقتىسادقا قايتۇرۇپ كېلىندى، سۈپەتلىك مۈلۈكنىڭ باشقا خەۋپ- خەتەرنى كونترول قىلىش تەننەرخى ئاشتى، بۇ يىل 8-ئايدىن كېيىن، مۈلۈك تەقسىماتى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.