تىرامپ بىلەن ئېللىننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى « ئۇرۇش » قا ئاز قالدى

gulbostan 2017-03-23 16:58:43

\
FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چەت ئەلدىكى نوپۇزلۇق پۇل-مۇئامىلە تاراتقۇسى CNBC نىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېيتىشىچە، بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى ۋە ئېللىننىڭ نەزىرىدە ھەممە ئىشلار جايىدا ئىدى، يەنى ئىقتىسادغا بولغان ئۈمىد ناھايىتى يۇقىرى، بازارنىڭ ئىپادىسى ياخشى ھەمدە 10 يىللىق كەڭرى پۇل سىياسىتىدىن كىيىن ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى سىياسىتى نورماللىق يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
تۇيۇقسىز ۋەزىيەتكە ئۆزگىرىش بولدى. يەنى پايچېكى بازىرى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولغان بىر كۈننى كۈتىۋالدى، ۋول كوچىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ سىياسەت كۈنتەرتىپىنىڭ چىكىنىشىگە بولغان ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال داۋاملاشسا، ئۇ ھالدا تىرامپ بىلەن ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ رەئىسى ئېللىن ئوتتۇرىسىدا «ئۇرۇش» يۈز بېرىشى مۇمكىن.
State Street Global Advisors نىڭ مەبلەغ سېلىش سىتىراتىگىيەچىسى Michael Arone نىڭ بىر تۈرلۈك دوكىلاتتا كۆرسىتىشىچە:« ئۈنۈم ھەمكارلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئېللىن ۋە تىرامپنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆزىتىش ئۇسۇلى بارغانسىرى دۆۋىلىنىپ، كەلگۈسىدىكى ئىختىلاپ پارتلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.