تۈركىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ پايچىك بازىرىغا بولغان تەسىرى

gulbostan 2016-07-19 10:40:12

\

تۆنۈگۈنكى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادى سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىسقا مۇددەتلىك بازار تەۋرىنىشى تۈپەيلىدىن ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بۇ يىل ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشى سۈرئىتى مۆلچەرىگە نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ باردى. ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5.6 بولۇپ، 3-ئايدىكى ئالدىن مۆلچەر%5.7 تىن تۆۋەن بولغان. تۈركىيەدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، بازارنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى ناھايتى تېزلا تارقىلىپ كەتتى. تۆنۈگۈن ئالتۇن بىلەن نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ، تۈركىيە پايچېك بازىرى تۈركىيە سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىدە 3يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش دائىرىسىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان بازاردا مۇھىم سانلىق مەلۇماتنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن، كۈمۈش ئىزچىل يۇقىرى ئورۇندا تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلاپ كېلۋاتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.