نېمە ئۈچۈن پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىش پۇقرالار ئاۋاز بېرىش سايلىمىدا پا

gulbostan 2016-06-20 18:55:43

\

6-ئاينىڭ23-كۈنىدىكى ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىش پۇقرالار ئاۋاز بېرىش سايلىمى نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەرلىك ئامىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تەھلىلچىلەر ئەگەر ئەنگىليە بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ياۋرودىن چېكىنىشنى قارار قىلسا، پۈتۈن پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا ناھايتى چوڭ زەربە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئەنگىليە مەركىزىي بانكىنىڭ بانكا باشلىقى (BOE)ئالدىنىقى ھەپتە ئەسكەرتىپ، ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى يەر شارى ئىقتىسادىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەر شارى ئۆسۈم نىسبىتى ۋە زايۇم پايدا نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رېكورت ياراتقان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىسىنىڭ كىرزىسقا قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاشتى. 2008-يىلىدىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشى مۈشكۈل بولۇپ، ياۋرودىن چېكىنىش نەتىجىسى ئالتۇن، ۋون ۋە زايۇم قاتارلىق تۈرلۈك مەبلەغلەرگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدى. شەك-شۈبھىسىزكى ياپونىيە دائىرىلىرىمۇ بۇ خىل ۋەزىيەتتىن ئانچە مەمنۇن ئەمەس، ئۇلار زادى قانداق قىلغاندا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەكتە.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.