تاجىكىستان تۇنجى قېتىم سېمونت ئېكسپورت قىلدى

guzalnur 2016-02-04 13:36:01

\

تاجىكىستان «Avesta» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاجىكىستان سانائەت ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى يېقىندا تاراتقۇلاردا دېيىشىچە، 2015-يىلى تاجىكىستان تۇنجى قېتىم ئافغانىستانغا 500 توننا سېمونت ئېكسپورت قىلغان. 2015-يىلى تاجىكىستاننىڭ يىللىق سېمونت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ %77 ىنى جۇڭگو مەبلەغچىلىك كارخانىسى خۇاشىن سېمونت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان. «تاجىكىستان سېمونت شىركىتى» نىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پەقەت %16 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 2016-يىلى تاجىكىستاننىڭ يەنە 3 سېمونت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. نۆۋەتتە، تاجىكىستاننىڭ يىللىق سېمونت ئېھتىياجى 2 مىليون توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە، سېمونت تاجىكىستاننىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارىغا ئايلىنىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.