IBM بافېتقا 700 مىليون دوللار زىيان سالدى

karima 2015-10-23 19:07:09

\


يېقىندا ئېلان قىلىنغان 2015-يىلى ئۈچىنچى پەسىللىك ئەڭ يېڭى مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، IBM نىڭ مەزكۇر پەسىللىك ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 19 مىليارد 280 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9 تۆۋەنلىگەن، ھەمدە ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرىدىكى 19 مىليارد 620 مىليون دوللاردىن تۆۋەن بولغان. بۇ IBM نىڭ ئۇدا 14 پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا ئېلان قىلغان تىجارەت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىشى.

تىجارەت ئەھۋالىنىڭ كاساتلىشىشى تۈپەيلىدىن، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى IBM نىڭ پاي چېكىنىڭ بازار يېپىلغاندىكى باھاسى %5.75 تۆۋەنلەپ 140.64 دوللارغا چۈشكەن، «ئالدىن بىلگۈچى» دەپ ئاتالغان بافىتمۇ شۇ سەۋەبتىن 680 مىليون دوللار زىيان تارتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، IBM نىڭ جۇڭگودىكى تىجارەت كىرىمى %17 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە جۇڭگو قاتارلىق يېڭى گۈللەنگەن بازاردىكى تىجارەت كىرىمى %30 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن.

IBM نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۆتكەن پەسىلدىكى تىجارەت كىرىمىنىڭ كاسات بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبى يېڭى گۈللەنگەن بازا ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.