بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان سانلىق مەلۇمات توغرىسىدا ئالدىن مۆلچەر

parida 2018-05-17 18:01:21

\

پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 17-كۈنى) نەق ئالتۇن باھاسى 1290.73 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى، ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى. ياۋرۇپا بازىرىدا نەق ئالتۇن باھاسى تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلىدى. نەق ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1294.46 دوللارغا، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1288.16 دوللارغا چۈشتى، نۆۋەتتە 1288.8 دوللار ئەتراپىدا سودا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى %0.15 بولدى.
پەيشەنبە يەنى بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دە، ئامېرىكىنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىلىك دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانى، فىلادېلفىيە فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ 5-ئايلىق ياسىمىچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى، 4-ئايلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئۈستۈنلۈك كۆرسەتكۈچى ئايلىق نىسبىتى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم سانلىق مەلۇمات--دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانلىق مەلۇماتى دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە، ئىشسىزلىق پۇلى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانىنىڭ 215 مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەگەر سانلىق مەلۇماتنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىكىدەك چىقسا، دوللارنىڭ ئۆسۈشىنى مۇھىم تايانچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، نەتىجىدە ئالتۇن باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۇمكىن. ئەگەر سانلىق مەلۇماتنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىكىگە يەتمىسە، دوللارنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.