بۈگۈن بۇ ئۈچ چوڭ ئىش ئالتۇن بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ

parida 2018-04-27 11:40:06

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 26-كۈنى) ئېلان قىلىنغان ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى بازاردا زور داۋالغۇش پەيدا قىلدى، دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلاپ، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1320 دوللارلىق ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتتى. جۈمە كۈنى پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئۈچۈن «دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە بىر كۈن» بولۇپ، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى GDP سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كورىيە-چاۋشيەن باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر GDP سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقسا ھەمدە ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتى جەھەتتە «يۇمشاق» تەدبىر قوللانسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يەنىمۇ كېڭىيىدىكەن، ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كورىيە-چاۋشيەن باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا ئىلگىرىلەش بولۇپ خەۋپ-خەتەر كەيپىياتى تۆۋەنلىسە، ئالتۇن باھاسى يەنە بىر قېتىم زەربىگە ئۇچرايدىكەن. يەنە بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئالتۇن باھاسىغا پايدىسىز ئامىللار كۆپەيسە، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1300 دوللاردىن چۈشۈپ كېتىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.
پەيشەنبە كۈنى ئۈچ چوڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بانكا باشلىقى Mario Draghi ئىقتىسادىنىڭ ئويلىمىغان دەرىجىدە ئاستىلاۋاتقانلىقىنى ئەمما بۇنىڭ ۋاقىتلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى (4-ئاينىڭ 27-كۈنى) سائەت 11:00 ئەتراپىدا، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە سىياسەت باياناتى ئېلان قىلىنىدۇ. ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Haruhiko Kuroda دۈشەنبە كۈنى CNBC نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %2 گە يەتكۈچە كەڭرى پۇل سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرقىسىم ئىقتىساشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، ئەگەر ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى نۆۋەتتىكى كەڭرى پۇل سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىسە، بۇ ئاساسلىق مەركىزىي بانكىلارنىڭ پۇل سىياسىتى جەھەتتىكى پەرقىنى چوڭايتىپ، دوللار بىلەن يىننىڭ پېرۋوت نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلاپ خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى سائەت 20:30 دا، ئامېرىكا 1-پەسىللىك دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يەنى GDPسانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: غەيرىي دۆلەت مۇداپىئە كاپىتال بۇيۇملىرى زاكاز نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، چىداملىق بۇيۇملارنىڭ توشۇلۇش مىقدارىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى، يىل بېشىدىكى پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسلانغاندا، GDP سانلىق مەلۇماتى نەتىجىسى تۆۋەن چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر GDP سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى كۈتۈلمىگەندە يۇقىرى چىقسا، دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلاپ ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەيدۇ، ئەگەر سانلىق مەلۇماتنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن چىقسا، ھەپتە ئاخىرىدا دوللارغا مەبلەغ سالغۇچىلار پايدىدىن كېيىن ھېسابنى ئۈزۈشى مۇمكىن.
جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كورىيە-چاۋشيەن باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى چاۋشيەن ئۇرۇن پارتىلىغاندىن بۇيان ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 3-قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، يىغىندا چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېننىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىق قارار قىلىنىدۇ. ئەگەر يىغىندا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش توغرىسىدا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ۋەدە بېرىلسە، خەۋپ-خەتەر كەيپىياتى تۆۋەنلەپ ئالتۇن باھاسىغا زەربە بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.