دۇنيا مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ سىياسىتى بازاردا قاتتىق داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ

parida 2018-04-19 11:35:27

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 19-كۈنى) دۇنيا مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن مۇھىم سۆز قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى kearny، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Draghi قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىرى بازاردا چوڭ تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. بۈگۈن ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئۈچ نەپەر ئەمەلدارى مۇھىم سۆز قىلىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇلارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. يېقىنقى مەزگىلدە، ئەنگىلىيە ۋە ياۋرۇ رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، بۇخىل ئەھۋالدا ئەنگىلىيە ۋە ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ پۇل سىياسىتى جەھەتتىكى مۇھىم كۆزقاراشلىرىنى بىلدۈردى.
چارشەنبە كۈنى، ئەنگىلىيەنىڭ 3-ئايلىق پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى بىر يىلدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن بولۇپ، بۇ ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ 5-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشىنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى كۈچەيتىپ فوندستېرلىڭغا زەربە بولدى. ئەنگىلىيە ئىستاتېستىكا ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ 3-ئايلىق ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) نىسبىتى بىريىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشكەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئۆرلىگەن، 2-ئاي ۋە بازار مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولغان. ئالدىنقى كۈنى فوندستېرلىڭ بىلەن دوللارنىڭ پېرۋوت نىسبىتى تۆۋەنلەپ 1.4171 نۇقتىغا چۈشكەن. پەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە، ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Kearny خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار Kearny نىڭ پۇل سىياسىتى توغرىسىدىكى باياناتىغا دىققەت قىلماقتا، ئەگەر ئۇ پۇل سىياسىتى جەھەتتە «يۇمشاق قول» پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىسە، ئۇنداقتا فوندستېرلىڭ كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
ياۋرۇنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Draghi نىڭ 2018-يىللىق دۇنيا بانكىلىرى ۋە IMF پەسىللىك يىغىنىدا سۆزلەيدىغان سۆزىگە دىققەت قىلماقتا. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر Draghi مۇ «يۇمشاق قول» مەيدانىنى بىلدۈرسە، ئۇنداقتا بۇ ياۋرۇغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن. يېقىندا، ياۋرۇ رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان بولۇپ، 3-ئايلىق يادرولۇق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %1 دىن تۆۋەن بولغان، %2 لىك نىشاندىن يەنىلا يىراق بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئۈچ نەپەر ئەمەلدارى مۇھىم سۆز قىلىدۇ، يەنى بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى سائەت 20:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى Brainerd 2018-يىللىق دۇنيا مالىيە-ئىقتىساد مۇنبىرىدە «ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ؛ بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى سائەت 21:30 دا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى Quarles كېڭەش پالاتاسى بانكا كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا «ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېرىم يىللىق ئىسپات سۆزى»نى ئېلان قىلىدۇ؛ بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى سائەت 06:45 دا، كلېۋېلاند فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Mestre ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى ۋە پۇل سىياسىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىگە شۇنداقلا دوللار ۋە ئالتۇن قاتارلىقلارنىڭ يۆنىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.