ئامېرىكا غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتى بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدۇ

parida 2018-04-06 10:56:24

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۈمە كۈنى (4-ئاينىڭ 6-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا تىرامپ يەنە بايانات ئېلان قىلىپ پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ سودا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى، نەتىجىدە دوللار بىلەن يىننىڭ پېرۋوت نىسبىتى تۆۋەنلىدى. ئەمما قىسمەن پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئەگەر بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى يەنى بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقسا، مەزكۇر پېرۋوت نىسبىتى يۇقىرىلاپ 108 نۇقتىغا چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
SBI ئاكسىيە شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ جۇڭگو ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. تىرامپنىڭ باياناتىدىن كېيىن ئاسىيا بازىرىدا دوللار بىلەن يىننىڭ پېرۋوت نىسبىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى، بازارنىڭ خەۋپ-خەتەر كەيپىياتى يەنىمۇ كۈچەيدى. يەنە بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئاساسىي جەھەتتىن يەنىلا كۈچلۈك بولۇپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى پۇل سىياسىتىنى تەدرىجىي نورماللاشتۇرىدىكەن. ئەگەر دوللار بىلەن يىننىڭ پېرۋوت نىسبىتى 108 نۇقتىدىن ئېشىپ كېتەلىسە، ئۇنداقتا يەنىمۇ يۇقىرىلاپ 110 نۇقتىغا چىقىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.
بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى سائەت 20:30 دا، ئامېرىكا غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ. چەتئەل نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 3-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىش ئورنىنىڭ 185 مىڭ ئورۇن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، ئالدىنقى ئايدا 313 مىڭ ئورۇن ئاشقان ئىدى؛ ئامېرىكىنىڭ 3-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %4.0 تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئالدىنقى ئايدا %4.1 تۆۋەنلىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە ئىش ھەققى سانلىق مەلۇماتىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر، چۈنكى بۇ فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەكشۈرۈش مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 3-ئايلىق ئوتتۇرىچە سائەتلىك ئىش ھەققى ئايلىق نىسبىتىنىڭ %0.3 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، ئالدىنقى ئايدا %0.1 ئاشقان ئىدى؛ 3-ئايلىق ئوتتۇرىچە سائەتلىك ئىش ھەققى يىللىق نىسبىتىنىڭ %2.7 ئاشىدىغانلىقى، ئالدىنقى ئايدىكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.