2018-يىلى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى ھالقىلىق مۇھىم نۇقتا

parida 2018-01-22 17:45:07

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى :Business Insider نىڭ شەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 20-كۈنى)دىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كېيىنكى ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان داللاس ئىقتىساد مۇنبىرىدە، دۇنيادىكى ھەرقايسى مالىيە ۋە مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئەمەلدارلىرى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان بىر مەسىلىنى يەنى پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
مورگان بانكىسى مۈلۈك باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئەنگىلىيە-ياۋرۇپا بازىرى باش مەسلىھەتچىسى Ward نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن ئۇزۇن يىل «يوقاپ كەتكەن» پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقتى ھەمدە ئەسلىگە كېلىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن خرىس پەيدا قىلدى.
پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادىكى بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى بىر ئىزدا توختاپ قالغان ئىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇ رايونىدا باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىر مەھەل مەنپىي قىممەتكە چۈشۈپ قالدى. كۆپ قىسىم مەركىزىي بانكىلار ۋە باھالىغۇچىلار يادرولۇق پۇل پاخاللىقىنىڭ بارا-بارا ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشەندى ھەمدە كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا داۋاملىق ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، شۇڭا ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى پەۋقۇلئاددە كەڭرى پۇل سىياسىتىنى قىسقارتىش يەنى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋە مۇۋاپىق مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى توختىتىشنى پىلانلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.