ئۈرۈمچىدىكى بۇ جايلاردا گاز توختايدۇ

ablat 2015-10-12 13:17:24

\

شەھەر تاشيول قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 13-14-چېسلا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە گاز توختىتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 21 دىن 14-چېسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى 6 گىچە، ئازادلىق جەنۇبىي يولى، بۇلاقبېشى كوچىسى، بۇغدا يولى ۋە غەربى تاغ يول بۆلىكىدىكى قىسمەن ئولتۇراق رايون ۋە ئىدارىلەردە 9 سائەت گاز توختايدۇ.

13-چېسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى 20 دىن 14-چېسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى 6 گىچە، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يولى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلقى سوت مەھكىمىسىدىن يېڭى شەھەر رايونى قۇرۇلۇش سانائەت مەكتىپىگىچە بولغان يول بۆلەكلىرىدىكى قىسمەن ئىدارە ۋە ئولتۇراق رايونلاردا 10 سائەت گاز توختايدۇ.

14-چېسلا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 13 دىن 16 گىچە، مىڭخۇا كوچىسى بويىدىكى قىسمەن ئولتۇراق رايونلاردا 3 سائەت گاز توختايدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.