ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا پىرىكازچىكسىز سېتىلىدىغان ئىچىملىك قويۇلدى

ilkan_5 2024-07-10 15:55:40

\


ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا ئىچىملىكنى پىرىكازچىكسىز سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ 7- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 18 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە ئىچىملىك سېتىشنى تۇنجى قېتىم سىناق يولغا قويدى. 7- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى دۇڭچۈەن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن يولغا چىققان 4101- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ سول تەرەپ 1- رەتتىكى ئورۇندۇقىغا ھەر خىل ئىچىملىك سېلىنغان بىر سېتىش ساندۇقى ئورنىتىلغان بولۇپ، ساندۇققا پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودى چاپلانغان ئىدى، يولۇچىلار لازىم قىلسا، ئۆزى خالىغان بىر خىل ئىچىملىكنى تاللاپ سېتىۋالسا بولاتتى، پۇل تۆلەش پۈتۈنلەي ئاڭلىقلىققا باغلىق ئىدى.

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، بىر يولۇچى ئاممىۋى ئاپتوبۇستا ئىچىملىك سېتىۋالماقتا. چېن مىن فوتوسى

 «بۈگۈن 4101- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى 12 سائەت يول يۈردى، يولۇچىلار 13 بوتۇلكا ئىچىملىك سېتىۋالدى، ئەمەلىي يىغىلغان پۇل 39 يۈەن، يولۇچىلار پۇل تۆلىمىگەن ئەھۋال يوق»، دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت 2- بۆلۈمى 15- ئاپتوموبىل ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دىڭ جۇڭيۈەن 7- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئۆتۈپ، 4101- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى قاتناشتىن توختىغاندا، ئىچىملىكلەرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ بولغاندىن كېيىن.

ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت 2- بۆلۈمى ئاممىۋى ئاپتوبۇستا پىرىكازچىكسىز ھالەتتە ئىچىملىك سېتىشنى سىناق قىلدى. ئىچىملىك سېتىش ساندۇقى تۇنجى ئورنىتىلغان ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسى 931- يول، 36- يول، 4101- يول قاتارلىق 18 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

يولۇچىلار تۇنجى كۈنى پىرىكازچىكسىز سېتىلىدىغان ئىچىملىك قويۇلغان ئاممىۋى ئاپتوبۇستا سېتىلغان ئىچىملىكلەرنىڭ باھاسىنىڭ تاللا بازىرىدىكى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭكىدىن 0.2 يۈەن ئەرزان ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

مەنبە :تىيانشان تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.