خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۆكتات مايسىسى»نى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى

ilkan_5 2024-06-07 16:36:52

\

ياخشىمۇسىز، مەمەت ئابدۇسالام ئاكا، بۇ سىزنىڭ 80 تۈپ كۆكتات مايسىڭىز، قايتىپ بارغاندىن كېيىن تېزدىن كۆكتاتلىققا كۆچۈرۈپ تىكىپ، ۋاقتىدا سۇغىرىڭ!» سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، جىمىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى شىباخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما شاۋفېي كۆكتات مايسىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كەنت ئاھالىسى مەمەت ئابدۇسالامغا شۇنداق دېدى.
يېقىندا، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى شىباخۇ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىغا چەيزە، لازا، شوخلا قاتارلىق كۆكتات مايسىلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كەنت خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.
كەنت ئاھالىسى رىزۋان يۈسۈپ خىزمەت ئەترىتى ئۆزىگە تارقىتىپ بەرگەن «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۆكتات مايسىسى»نى قولىغا ئېلىپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىمىزغا غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت، مەن چوقۇم بۇ كۆكتات مايسىلىرىنى ياخشى تىكىپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىمەن».
سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، جىمىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى شىباخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، شىباخۇ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھويلا كۆلىمىنىڭ بىرقەدەر چوڭ، كىرىمنى ئاشۇرۇشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بوشلۇقنىڭ بىرقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. بۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇۋاپىق تېرىقچىلىق قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يىل بېشىدىن باشلاپلا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ بازارنىڭ جوڭگوۋ كەنتىدىكى پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆكتاتلارنىڭ ئەلا سورتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، جەمئىي 16 مىڭ تۈپ مايسا يېتىشتۈردى، يېتىشتۈرۈلگەن مايسا تۈرلىرىدىن لازا، شوخلا، چەيزە بار بولۇپ، بۇلارنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلەتتى

تىيانشان تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.