ئىگىلىك تىكلەيدىغان دېھقانلار ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

parida 2018-04-09 17:34:57

\

مالىيە مىنسىتىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگو خەلق بانكىسى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى بىرلىكتە «ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى مالىيە ياردەم ئۆسۈم خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى) نى ئېلان قىلدى، قەرز بېرىش ئوبيېكىتلىرى دائىرىسىنى كېڭەيتىش، قەرز ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش، كېپىللىك ۋە ئۆسۈم تەلىپىنى قويىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، سىياسەتنىڭ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى ھەمدە ئىلتىماس قىلىش بېجىرىش تەرتىپىنى سەرخىللاشتۇردى.
قەرز بېرىش ئوبيېكىتلىرى دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ئەسلى بەلگىلەنگەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز ئوبيېكىتلىرى (شەھەر-بازارلاردا ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقانلار، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولغانلار، ھەربىي سەپتىن قايتقان، كەسىپ ئالماشتۇرغان ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىش جەريانىدىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە ئىشسىز قالغانلار، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر، تور سودىگىرى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات نوپۇسلار) دىن باشقا، يېزىلاردا ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز ئوبيېكتى دائىرىسى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەلدى: شۇ يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كارخانىلارنىڭ ھازىرقى ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %25 تىگە يەتكەن (ئادەم سانى 100 دىن ئاشقان كارخانىلار %15 تىن ھالقىغان) ھەمدە بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان كىچىك مىكرو كارخانىلار.
قەرز ئىلتىماس شەرتىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە، شەخسىي ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قەرز خاتىرىسى تەلىپى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەلدى؛ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرزى، نامراتلارنى يۆلەش قەرزى، تۇرالغۇ قەرزى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قەرزى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن كىچىك سوممىلىق ئىستېمال قەرزى (ئىناۋەت كارتا ئىستېمالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن سىرت، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە جورىسىنىڭ باشقا قەرزى بولماسلىقى لازىم.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېپىللىك ۋە ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش تەلىپى قويىۋېتىلدى. مالىيە تارماقلىرى ياردەم قىلىپ ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن قوللىغان كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ بەھرىلىنىشىگە قارىتا، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى كېپىللىك فوندى ئارقىلىق كېپىللىك شەكلى بىلەن قوللىنىدۇ. قەرزىنى ئاكتىپ قايتۇرغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تۈرتكە بولىدىغان، ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ياخشى بولغان شەخسى قەرز ئالغۇچى ۋە كىچىك مىكرو كارخانىلارنى داۋاملىق ئۆسۈملۈك ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى بىلەن تەمىنلەيدۇ، لېكىن ئومۇمىي قېتىم سانى 3 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار تەرتىپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى لازىم، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى بېجىرىشى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش، ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، ئىناۋىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق قەرز ئېلىش رەسىمىيىتى ۋە كېپىللىك رەسىمىيەتلىرى بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. شارائىتى بار جايلار ئېلېكتىرلەشكەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئوبوروت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، قەرز ئېلىش ئىلتىماسى، تەستىقلاش، ھەرقايسى ھالقىلارنى قويىۋېتىشنى سەرخىللاشتۇرۇشى، كاپالەت مۇلازىمىتى تېز ، ئەلا سۈپەتلىك بولۇشى لازىم.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلارنى بىرىنچى قېتىملىق قەرز قايتۇرۇش مەنبەسىنى كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىناۋەت ئۇسۇلى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش قەرزىنى قويۇپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاساسىدا، قارشى كېپىللىكنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم. شەھەر (تەسىس قىلىنغان شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئىگىلىك تىكلەش تۈرى، ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلارغا قارىتا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى باھالاپ بېكىتكەن ئىناۋەت كىچىك مىكرو كارخانىلىرى، سودىگەرلەر، دېھقانلار، مۇقىم تىجارەتلىك لەۋزىدە تۇرىدىغان ئىككىنچى قېتىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قاتارلىق ئالاھىدە توپ پرىنسىپ جەھەتتە قارشى كېپىللىكنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
«ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار بەلگىلەندى: مەركەز بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قەرزدىن چىقىدىغان ئۆسۈملۈك قەرز مەبلىغىنىڭ چىقىم قىلىنىشىنى، مەركەز ۋە يەرلىك مالىيە بەلگىلىمىسى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈپ بىرلىكتە خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى «پۇخۈي» پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يىللىق خامچوت كۆلىمى ئىچىدە بېكىتسە بولىدۇ. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان رايونلارنى سېلىشتۇرۇپ، غەربىي رايونلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتىنى ئىجرا قىلىش لازىم. نامرات رايونلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا رايونلار، شەخسىيلەر قەرزىنى ئىككى يىلدا (بىرىنچى يىلى، ئىككىنچى يىلى) پۈتۈن سوممىلىق ئۆسۈمى بويىچە ئىجرا قىلسا بولىدۇ.
نەتىجە ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ باھالاش جەھەتتە، يەرلىك مالىيە تارماقلىرى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز مالىيە ئۆسۈم مەبلىغى نەتىجە ئۈنۈم نىشانى بىلەن مۇناسىپ ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى تەسىس قىلىپ، مەبلەغ ئەمەلىي ھاسىلات ۋە ئۈنۈمىنى باھالاشتا، ئۈنۈم نىشانىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈم نىشانىنىڭ ئىجرا قىلىنىپ نازارەت قىلىنىشىنى كۈچەيتىش، نىشاننىڭ ئۆز قەرەلىدە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۈچىنچى تەرەپكە ئۈنۈمنى باھالاشنى ھاۋالە قىلىپ، مەبلەغنىڭ تەقسىملىنىش ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇش لازىم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكىتىمىز بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كىچىك مىكرو كارخانا، «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار خىزمىتى» نى قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. يۇقارقى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز ئۆسۈم سىياسىتىدىن باشقا، يېقىندا گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ، مەركەز مالىيەسى تارقاتقان، بىرلەشمە ئارزۇسى بار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى، تۇنجى قارارلىق مەبلەغ 60 مىلياردتىن تۆۋەن بولماسلىقى، پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش، يەنە كېپىللىك قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەر قايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر) دە مەبلەغ كېپىللىك كەسپىنى قانات يايدۇرۇش، ھەر قايسى تەرەپلەر مەبلەغ بىلەن كىچىك مىكرو كارخانىلارغا يار-يۆلەك بولۇش، «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار خىزمىتى» ۋە ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەش لازىم.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.