شىركىتىمىز خادىملىرى ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى

parida 2018-03-07 17:28:17

\

2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا باشلاندى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 2017-يىلى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەمدە 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى، شۇنداقلا يەنە 2017-يىلى مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەردى.
ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، يىغىندا ئوتتۇرغا قويۇلغان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، مەبلەغ سېلىش، ئىستىمال، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە تەشەببۇسلار شىركىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىمىز خىزمەتچى-خادىملارنى ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. شىركىتىمىز خىزمەتچى-خادىملىرى ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىن، بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئىقتىسادنىڭ مائارىپ، سەھىيە، تۇرالغۇ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە رايونىمىزدا بارلىققا كەلگەن ئالامشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى. ئىككى يىغىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، شىركىتىمىز يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ.


\

\

\

\

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.