يېزا ئىگىلىك ماشىنا–سايمانلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

parida 2017-10-30 18:00:27

\

توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ تىكئېرىق بازىرى كوناساڭ كەنتى يېقىندا 2017 – يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.كوناساڭ كەنتىدىكى زاڭ گۇاڭجۈ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە 7000 يۈەن تولۇقلىما ئالغاندىن باشقا، 60 مو ئېتىزىمغا تۇپراقنى ئۆلچەملىك ئاغدۇرۇپ يۇمشىتىش بويىچە 1800 يۈەن تولۇقلىمىغا ئېرىشتىم. يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىغا تايىنىپ، يىلىغا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمەن. دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت.ئۇقۇشىمچە، بۇ ناھىيە بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما تۈر مەبلىغىدىن 11 مىليون 8700 يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 11 چوڭ تۈر ۋە 34 كىچىك تۈر بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى سېتىۋالغان 98 ئائىلىلىك دېھقانغا تولۇقلىما بەرگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.