يېقىن كەلگۈسىدە ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوماتىك ئۇسۇلدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرەلەيدۇ

parida 2017-08-30 18:38:27

\

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى «بۇلۇت» ھېسابلاش مەركىزى رەسمىي تورلاشتۇرۇلدى. ئۈرۈمچى «بۇلۇت» ھېسابلاش مەركىزى - ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش مەركىزى بولۇپ، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە، ئاممىنىڭ مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ ئىسپات ئېلىشى، ھەرقايسى ئىش بېجىرگۈچى خادىملارنى ئىزدىشى، تامغا ئۇرغۇزۇش ئۈچۈن نۆۋەت كۈتۈشى ھاجەتسىز، پەقەت سالاھىيىتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتسىلا ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك ئىسپاتلارنى ئۆزى نۇسخلاپ چىقىرالايدۇ. ئىسپاتنى نۇسخىلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىدا ئوخشاش بولمىغان كۆزنەكلەرنى ئىزدەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ، خۇددى ATM ئاپتوماتىك ھېسابات ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلغانغا ئوخشاش خالىغان بىر كۆزنەككە بېرىپ، ئېھتىياجلىق كەسىپنى بېجىرسە بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلار ئاپتوماتىك ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇقرالار ئىش بېجىرىشتە ئاز يول ماڭىدۇ. مەزكۇر سانلىق مەلۇمات بىرتەرەپ قىلىش مەركىزىدە پۇل ئالغىلى، پۇل قويغىلى شۇنداقلا يەنە ئامما ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك ئىسپاتلارنى نۇسخىلاپ چىقارغىلى بولىدۇ، تامغا ئۇرغۇزمىسىمۇ ئاپتوماتىك ھېسابلاش مەركىزدە تور ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ راست ياكى ساختىلىقى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىش بېجىرىش تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ ھەمدە ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
«بۇلۇت»ھېسابلاش مەركىزى ئۈرۈمچى يېڭى يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا 2015-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، مەركىزىي شەھەردىكى تۇنجى قېتىملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئۈچ چوڭ ئاساسىي ئامبار قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك قوللىنىشچان سېستىمىلار پۈتۈن شەھەر ئاھالىلىرىنى ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئېلېكترونلۇق مۇلازىمىتى، جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.