«بىر بەلباغ، بىر يول يۇقىرى قاتلام يىغىنى» دا جۇڭگونىڭ كۆپ دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يولغا قويىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى

zumrat 2017-05-15 17:01:41
«بىر بەلباغ، بىر يول يۇقىرى قاتلام يىغىنى» دا جۇڭگونىڭ كۆپ دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يولغا قويىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يەكشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 14-كۈنى) بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلباغ، بىر يول يۇقىرى قاتلام يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى ھەمدە جۇڭگو باشلىغان بۇ ئىقتىسادىي سودا كارىدورىنىڭ ھەرگىزمۇ «ئايرىم ئىش تۇتۇش» بولماستىن بەلكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان «ئىستراتېگىيەلىك تۇتاشتۇرۇش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ كۆپ دۆلەت ئىقتىسادىي پىلانى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شى جىنپىڭ سىرتقا قارىتا بىر قاتار ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىدىغانلىقىنى، يەنى «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق پىلانىغا قاتناشقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا 600 مىليارد يۈەن ياردەم مەبلىغى ۋە 20 مىليارد يۈەن جىددىي ئاشلىق ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كۆپ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي تەشكىلات ۋە تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئاپپاراتلار يەنە جۇڭگو باشچىلىقىدىكى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە بانكىسى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەت يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.