دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى

parida 2018-03-07 18:32:14

\

بۈگۈنكى خەلقئارا سەھنىدە جۇڭگونىڭ ھەربىر ئىش-ھەركىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسى %30 دىن ئېشىپ كەتتى، 2017-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %6.9 گە يېتىپ دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە، 2018-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ ئىشىش نىسبىتىنىڭ %6.5 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
%6.5 لىك ئېشىش سۈرئىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەگەر بۇ مۆلچەر ئەمەلگە ئاشسا، دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە ياراتقان ئەڭ زور نەتىجە بولۇپ قالىدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىقتىسادنىڭ %6.5 ئەتراپىدا ئېشىشى نىشانى 2017-يىلىدىكى نىشان بىلەن بىردەك بولۇپ، بۇلتۇر جۇڭگو ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۆلچەرلىگەن نىشاندىن ئېشىپ كەتتى.
سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» دە كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، GDP قىممىتى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلغاندىن باشقا، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق تەرەققىياتىدا يەنە ئاھالىلەر ئىستىمال باھاسىنى %3 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر-بازاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنى 11 مىليۇندىن ئاشۇرۇش قاتارلىقلار نىشان قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇيىل شەھەر - بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىنى تۇنجى قېتىم كۆزلىمە نىشانغا كىرگۈزگەن بولۇپ، %5.5 ئەتراپىدا دېھقان - ئىشچىلار قاتارلىق غەيرىي شەھەر - بازار نوپۇسىنى قاپلايدىكەن. بۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتى يىتەكچى ئىدىيىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، «مۇقىملىق» بۇيىلدىكى ھالقىلىق سۆز بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتنى سۈپەتلىگەندە، جۇڭگو 2020-يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ، 2050-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.