2018-يىلى جۇڭگونىڭ GDP قىممىتى %6.7 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى

parida 2018-01-16 15:54:37

\

ئاسىيا مەركىزى تورى: يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان نۇرغۇن ئاپپاراتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2018-يىلى مۇقىم سەۋىيىنى ساقلايدىغانلىقى، GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %6.7 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئارىلىققا قەدەم قويىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى سانائەت ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمى 2017-يىلى 4-پەسىللىك «جۇڭگو ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى قىزىق نۇقتىلار ئۈستىدە تەتقىقات دوكلاتى»نىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە، ئىقتىسادشۇناسلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگونىڭ 2017-يىلى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.8 بولۇپ، 2018-يىلىدىمۇ مۇشۇ سەۋىيىنى ساقلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشقان، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.