پۇل پاخاللىقى بىلەن پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى قانداق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟

parida 2017-07-14 11:26:49

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان ئىككى پارچە مۇھىم سانلىق مەلۇماتقا يەنى ئامېرىكا CPI ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشتى، پۇل-مۇئامىلە بازىرىمۇ «قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش» سېگنالى چىقاردى. يېللىننىڭ پۇل پاخاللىقى توغرىسىدىكى باياناتىدا ئۆزگىرىش بولدى، بۇ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل بېسىمنى كونكرېت باھانىڭ تۆۋەنلىشىگە ئاساسەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.
بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى (7-ئاينىڭ 14-كۈنى) سائەت 20:30 دە، ئامېرىكا بىرلا ۋاقىتتا 6-ئايلىق CPI كۆرسەتكۈچى ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ ئىككى پارچە سانلىق مەلۇمات ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ خادىملىرى يېقىندا پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىردەك ئىپادە بىلدۈردى. ئەمما، يېللىن چارشەنبە كۈنى پارلامېنتتا گۇۋاھلىق سۆزى بەرگەندە پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلغان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 6-ئايلىق پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى CPI ئايلىق نىسبىتى %0.1 يۇقىرىلىغان، پەسىللىك تەڭشەلمىگەن CPI يىللىق نىسبىتى %1.7 يۇقىرىلىغان. يادرولۇق CPI يىللىق نىسبىتىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بۇلتۇر ئىزچىل %2 دىن يۇقىرى بولغان، ئەمما نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بەلگىلىك نىسبەتتە تۆۋەنلىگەن، نۆۋەتتە يەنىلا تۆۋەن نۇقتىدا تۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ 6-ئايلىق پارچە سېتىش ئايلىق نىسبىتى %0.2 يۇقىرىلىغان، 5- ئايدا %0.3 تۆۋەنلىگەن ئىدى؛ 6-ئايلىق يادرولۇق پارچە سېتىش ئايلىق نىسبىتى %0.1 يۇقىرىلىغان، 5-ئايدا %0.3 تۆۋەنلىگەن ئىدى. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ زورىيىشى بۇ يىل 9-يىلىغا قەدەم قويدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى داۋاملىق كۆپەيدى، ئەمما پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يۇقىرى بولمىدى. 6-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.4 بولۇپ، ئالدىنقى 12 ئايدا ئوتتۇرىچە ھەر ئايلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى بىر مىليۇن 870 مىڭ كىشى بولغان ئىدى. ئەمما، ئەمگەك كۈچىگە بولغان زور ئېھتىياج ئىش ھەققى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمىدى، ئۇدا ئۈچ ئاي تۆۋەنلىگەن پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچىمۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدىن پۇل سىياسىتىنى چېڭىتىش تەدبىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.