يېللىننىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنى چەكلەپ قويدى

parida 2017-07-13 10:56:57

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئاسىيا بازىرىدا پەيشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 13-كۈنى) خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى ئەتىگەنلىك بازاردا ۋاقتىنچە 1220 دوللار\ئۇنسىيەدىن يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلىدى. چارشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 12-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن پارلامېنتتا گۇۋاھلىق سۆزى بەرگەندە كۈتۈلمىگەندە «يۇمشاق قول»ئىپادىسىنى بىلدۈرگەچكە، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىلنىڭ قالغان يېرىمىدا يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۇمكىنچىلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىدى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ تۆۋەنلىدى، ئالتۇن باھاسى تۆت ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆسۈشكە باشلىدى، سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1225.20 دوللار\ئۇنسىيەگە چىقتى.
يېللىن چارشەنبە كۈنى پارلامېنتتا بايان قىلغان گۇۋاھلىق سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەتنى چېڭىتىشىغا رۇخسەت قىلغۇدەدك دەرىجىدە كۈچلۈك، ئەمما پۇل پاخاللىقىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشى ھەمدە نېيترال ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ جەرياننى ئاستا ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت ياراتتى.
يېللىننىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىگە سوغۇق سۇ سەپتى. فېدېراتسىيە فوند قەرەللىك مال يۇشۇرۇن ئۆسۈم نىسبىتى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 9-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %12 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يۇقىرىلاش نىسبىتى تەخمىنەن %50 تۆۋەنلىگەن.
يېللىن پەيشەنبە كۈنى پارلامېنتتا داۋاملىق گۇۋاھلىق سۆزى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى جۈمە كۈنىدىكى بىر قانچە مۇھىم سانلىق مەلۇماتقا مەركەزلەشتى. بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى 20:30 دە، ئامېرىكا CPI پۇل پاخاللىقى ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.