يەرشارى پۇل-مۇئامىلە بازىرى چوڭ كرىزىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن

parida 2017-06-16 13:15:42

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ ھەپتىدە ئۆسۈم قوشۇش بىلەن تەڭ جەدۋەل قىسقارتىش سىگنالىنى چىقاردى. ئالدىنقى بىر قانچە قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش مەزگىلىدىمۇ يەرشارى خاراكتېرلىك چوڭ كرىزىسنى قوزغىغان ئىدى، ئەگەر بۇ قېتىم راستىنلا جەدۋەل قىسقارتىلسا، پۈتۈن پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ.
مەبلەغ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باش تاكتىكىچىسى Graham Summers نىڭ پەيشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بالانېس جەدۋىلىنىڭ كۆلىمىنى قىسقارتىشنى باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئەمما دەرھال قىسقارتماسلىقى ياكى ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇخىل قارىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ مەسىلىلەر ئانچە مۇھىم ئەمەس بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاللىبۇرۇن بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى چارشەنبە كۈنى فېدېراتسىيە فوندى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىگە 25 نۇقتا قوشىدىغانلىقى، ئۆسۈم نىسبىتى %1.25-1:00 بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچ ئايدىن بۇيانقى 2-قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش تەدبىرى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يەنە زور مىقداردىكى زايوم ۋە رەنىلىك قەرز قوللاش زايومى (MBS) نى بىرلەشتۈرۈش پىلانى توغرىسىدىكى تۇنجى پارچە تىزىسنى ئېلان قىلدى.
Summers نىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قىسقارتىش ھەركىتىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا باشلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا ئېغىر كرزىس يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلار ئەنسىرەشكە تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا ھەرۋاقىت ئېغىر كرزىس يۈز بېرىشى مۇمكىن، خۇددى 1982-يىلىدىكى لاتىن ئامېرىكا قەرز كرىزىسى، 1987-يىلىدىكى پايچەك بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، 2000-يىلىدىكى تېخنىكا پېيىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشى، 2007-يىلىدىكى ئىككىلەمچى قەرز كرىزىسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.