بۈگۈنكى تېز خەۋەرلەر

parida 2017-06-12 18:48:29

ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتى باش ۋەزىرى: ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتى كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ، ئەمما 19-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.
خۇيتۇڭ تورى: ئاۋسترالىيە دوللىرى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بۈگۈنكى يۇقىرى نۇقتا 0.7538 گە چىقتى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن راسچوت تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
خۇيتۇڭ تورى: ئەنگىلىيە فوندستېرلىڭى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 1.27 نۇقتىلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلاپ، بۈگۈنكى تۆۋەن نۇقتا 1.2694 غا چۈشتى.
خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەنگىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى كەينىگە كېچىكتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئېكسپورت قىلىش ئەسلى ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ ئىسپاتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
خۇيتۇڭ تورى: لوندوندا نەق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى 1269.65 دوللار \ ئۇنسىيە بولدى.
ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى ئىجرائىيە كومىتېتى: ئەنگىلىيە ئىقتىسادى ياۋرۇ رايونى ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن ئاساسلىق خەتەر ئەمەس دەپ قارىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.