ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ ھەپتىدە ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى مۇمكىن

parida 2017-06-12 12:44:30

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: دۈشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 12-كۈنى) Goldman Sachs گۇرۇھىنىڭ تەھلىلچىسى يازغان ماقالىدە ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى يىغىنىغا قارىتا تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن، ئاساسلىق مەزمونى تۆۋەندىكىچە:
بۇ ھەپتىدە ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل سىياسىتى يىغىنى ئاچىدۇ، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش تەييارلىقى كۆزلىمىسىمۇ ئاللىبۇرۇن بازار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ بولدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ھەپتىدە ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى.
پۇل سىياسىتى باياناتىدا ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ يۆنىلىشى ياخشى بولغاچقا، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىن بۇيانقى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدىكى پۇل سىياسىتى يىغىنىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 0.4 نۇقتا تۆۋەنلىگەن، ھەمدە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي پائالىيەت كۆرسەتكۈچى ۋە ئەمەلىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)مۆلچەر كۆرسەتكۈچى ھاسىلاتنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنىڭ سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولغان، بۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 6-ئايلىق يىغىندىن كېيىن كېلەركى قەدەمنى يەنى مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنىڭ نورماللىشىشىنى ئىگىلىرى سۈرۈش ياكى ئۈچىنچى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدا قىسمەن ئېنىق بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.