غەيرىي يېزائىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟

gulbostan 2017-06-02 11:53:57

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى (6-ئاينىڭ 2-كۈنى) كەچتە، دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئامېرىكا غەيرىي يېزائىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنى كۈتۈۋالىدۇ. غەيرىي يېزائىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدىكى ئۆسۈم قوشۇش كۆزلەنگەن نىشانىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان «كىچىك غەيرىي يېزائىگىلىك» سانلىق مەلۇماتى ADP نىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۈمە كۈنىدىكى غەيرىي يېزائىگىلىك دوكلاتىغا بولغان ئۈمىدىنى كۈچەيتتى. ئەمما تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتى كۆزلەنگەن نىشاندىن تۆۋەن بولسا، بۇ ئەمدىلا ئۆسۈشكە باشلىغان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىنى يەنە زەربىگە ئۇچرىتىدۇ، ھەمدە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.


مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.