پۇل-مۇئامىلە بازىرى قاتتىق تەۋرىنىش ھالىتىگە كىردى

gulbostan 2017-05-25 11:16:57

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى) سەھەر سائەت 2:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئېلان قىلغان 5-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ خادىملىرى سىياسەتنى چىڭىتىش بەلكىم تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى، ئەمما ئۇلار ئۆسۈمنى يەنە يۇقىرلىتىشتىن ئىلگىرى ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىدىغانلىقىنى، يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاجىز بولۇشىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاساسلىق پۇل-مۇئامىلە مەبلىغى يۈزلىنىشى داۋالغۇشقا باشلىدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سىياسەت يىغىنى خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر يېقىنقى مەزگىلدە ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولغۇچە ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.