ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى يەنە يۇقىرىلىشى مۇمكىن

gulbostan 2017-05-24 12:05:04

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى پۇل-مۇئامىلە بازىرى بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقە-فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسى كۈنىنى كۈتۈۋالدى. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە كىشىنى ھەم خۇشال قىلىدىغان ھەم ئەندىشىگە سالىدىغان تەرەپلەر بار بولسىمۇ، ئەمما بازاردا ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتى يۇقىرى مۆلچەرلەنمەكتە. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە،ئەگەر يىغىن خاتىرىسىنىڭ مەزمونى كەسكىن بولسا، ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.

بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 5-كۈنى) سائەت 02:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى FOMC) 5)-ئايلىق سىياسەت يىغىنى خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى، سودا خادىملىرى يىغىن خاتىرىسىدىن كەلگۈسىدىكى ئۆسۈم قوشۇش پۇرسىتىنىڭ يېڭى يىپ ئۇچى ئۈستىدە ئىزدەندى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.