چاۋشيەننىڭ ھەربىي ئېغۋاگەرچىلىكى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى يەنىمۇ داۋالغۇتۇۋەتتى

gulbostan 2017-05-22 13:58:25

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بۇ ھەپتىدىن بېرى سىياسىي كرىزىس پۈتۈن يەرشارىدىكى مالىيە-ئىقتىساد تاراتقۇلىرىنىڭ «قىزىق نۇقتىسى» بولدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ «مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارلىنىشى» ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي كرىزىستىن تارتىپ يېڭى بىر قېتىملىق سىياسىي سەتچىلىكنىڭ برازىلىيە زۇڭتۇڭىنى پاتقاققا سۆرەپ كىرىشىگىچە بولغان داۋالغۇشلار پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. ئەمما بازارنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب تىرامپ ياكى برازىلىيەچە سىياسىي كرزىس بولماستىن بەلكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ۋەزىيەت كرىزىسى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار چاۋشىيەن مەسىلىسىدىن قاتتىق تەشۋىشلەندى.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى Johanna Chua نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خۇاچى گۇرۇھىنىڭ ئانالىزچىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 40 بەتتىن كۆپرەك دوكلاتىدا، «پۇل-مۇئامىلە بازىرى يادرو قورالى بىلەن قوراللانغان چاۋشىيەننىڭ تەھدىتىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى. يادرو سىنىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئېغۋاگەرچىلىك ۋە پيوڭغاڭغا بولغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ھېچقانچە يېڭىلىق ئىش ئەمەس، ئەمما بۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بازارنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدىكى داۋالغۇشى كۈچەيگەندىن باشقا بارلىق تەرەپلەرنى پەرەز قىلىش ئىنتايىن تەس. كاپىتال ئوبوروتى (مەبلەغ ئايلىنىشى) جەھەتتىن قارىغاندا، ئەگەر كاپىتال ئوبوروتى ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسىلا بازار تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.