ترامىپ ھۆكۈمىتى ناھايىتى تېزلا باج ئىسلاھاتى لاھىيەسىنى ئېلان قىلىدۇ

gulbostan 2017-04-21 11:04:56

\


چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 21-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن نۇشىن پەيشەنبە كۈنى ترامىپ ھۆكۈمىتى باج ئىسلاھاتى لاھىيەسىنى ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، چوڭ كۆلەملىك باج تۈزۈمىنى رەتكە سېلىش تەدبىرىنىڭ ئەمىلىيشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

نۇشىن ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مالىيە مىنىستىرلىكى ئىنتايىن چوڭ بولغان باج لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىقتىدارى بولۇشقا ئىنتايىن يېقىنلاشتى، دېگەن.

ئۇ بۇ رىگان ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئامېرىكىنىڭ باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى بولىدۇ، دېگەن.

نۇشىن ئۆزىنىڭ ھەر ھەپتىدە ئىككى پالاتا ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە مالىيە مىنىستىرلىكى بىلەن ئىككى پالاتا ئورتاق بولغان باج ئىسلاھاتى نىشانىغا ئىگە، يەنى خۇسۇسىي باجنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئۈچۈن باجنى كېمەيتىپ ئىقتىسادنى قوزغىتىش ھەم ئامېرىكا كارخانا بېجىنى تېخىمۇ رىقابەتچانلىققا ئىگە قىلىش، دېگەن.

نۇشىن ترامىپ ھۆكۈمىتى ئاۋام پالاتا ئوتتۇرىغا قويغان چېگرا تەڭشەش بېجىنىڭ يوشۇرۇن تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، بۇ خىل باجنى يىغىشنىڭ مەقسىتى بولسا باج كېمىيىپ كېتىش پەيدا قىلغان كىرىم زىيىنىنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. نۇشىن خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە جەمىيىتىنىڭ يىغىنىدا ئۆزىنىڭ باج ئىسلاھاتىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىگە قارىتا تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، دوللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىشى مۇمكىن بولغانلىقتىن، ئېكىسپورت ساھەسىگە پايدىسىز بولىدىكەن. ئەمما ئۇ ناۋادا دوللار چۈشمىسە، باھادا ئۆسۈش ۋە پۇل پاخاللىقى ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىستىمالچىلارغا نىسبەتەن پايدىسىز بولىدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.