جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بۇلتۇرقى ساپ پايدىسى ئاشتى

gulbostan 2017-03-23 18:41:43

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە بولغان خىزمەت خۇلاسىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ساپ پايدىسى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 ئېشىپ، 108 مىليارد 700 مىليۇن خەلق پۇلى بولغان، بۇ بازارنىڭ مۆلچەرىدىن ئازىراقلا يۇقىرى، ھەر بىر پايچېكىدىكى پايدىسى 5.31 خەلق پۇلى بولۇپ، ئاخىرقى مەزگىللىك پايدىسى 1.243 شياڭگاڭ پۇل بولغان، ئوتتۇرا مەزگىللىك پايدىسى 2.732 شياڭگاڭ پۇلى، نىسبىتى %46 بولغان.
بۇ گوروھنىڭ بۇلتۇرقى كۆچمە تېلىفون ئابونتى 800 مىليۇن 490 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇرۇنقىدىن 22 مىليۇن 660 مىڭ ئابونت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 4G ئابونتى 223 مليۇن ئاشقان بولۇپ، ئومۇمىي سانى 525 مىليۇن بولغان، 4G نىڭ سىڭىشىش نىسبىتى %63 ئاشقان، ئابونت كۆلىمى باشلامچى ئورۇندا تۇرغان. گوروھنىڭ بايرىقى ئاستىدا 4G نۇقتىسىدىن 400 مىڭ كۆپىيىپ، ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليۇن 510 مىڭ غا يەتكەن. قاپلىغان نوپۇسى 1 مىليارد 300 مىليۇن بولغان، بۇلتۇرقى سىملىق كەڭ بەلباغلىق تور ئابونتىدىن 22 مىليۇن 590 مىڭى كۆپىيىپ، ئومۇمىي مىقدارى 77 مىليۇن 620 مىڭ بولغان. 20M تىن ئاشىدىغان كەڭ بەلباغلىق تور نىسبىتى %76.9 قا يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.