ياۋرۇپادىن چېكىنىش چوقۇم پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتىشى كېرەك

gulbostan 2017-01-25 10:37:18

\


خېشۈن تورى 24-يانۋار خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى ئەنگىلىيە ئىچكى كابېنتىدىن يارۋرۇپادىن چېكىنىشتىن بۇرۇن پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئەنگىلىيە باش تەپتىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياۋرۇپادىن چېكىنىش قارارى قانۇنىي مەسىلە ئەمەس بەلكى سىياسىي مەسىلە. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگىلىيە ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى Corbyn نىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان لىسبون 50-ماددىسىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى ئويلىمايدىكەن، بىراق قانۇن تۇرغۇزۇشقا نىسبەتەن تۈزىتىش ئېلىپ بارىدىكەن. ئىشچىلار پارتىيەسى بىر تۈرلۈك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياۋرۇپادىن چېكىنىش سۆھبىتى جەريانىدا يىغىنغا مەسئۇل بولىدىكەن.
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، فوندستىرلىڭنىڭ دوللارغا بولغان پېرىۋوتى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىگەن بولۇپ، كۈندىلىك تۆۋەن نۇقتا 1.2478 نى يېڭىلىغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.