تىرامپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بازارنى ئۈمىدسىزلەندۈردى

gulbostan 2017-01-12 11:14:20

\

جۇڭگو ئاكسىيە تورى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-يانۋار سەھەر سائەت 1 لەر ئەتراپىدا، ئامېرىكىنڭ بولغۇسى زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۈمىدسىزلىكى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭ باياناتىدا ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى چىقىمى، باجنى كېمەيتىش قاتارلىق بازارنى غىدىقلايدىغان ئىقتىسادىي تېمىلار تىلغا ئېلىنمىدى.

تىرامپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىي ناھايىتى جانلىق بولۇپ، بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر ئىش. ئامېرىكا چوقۇم دورا ياساش كەسپىنى قايتىدىن قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەك بولۇپ ، دورا ياساش زاۋۇتىنىڭ دورىنى يۇقىرى باھادا سېتىشى «جازالانمىغان جىنايەت» ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ كەسىپنى ئامېرىكىغا يۆتكەشتىن باشقا يەنە، جازادىن قاچقان كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان باج ئېغىرلىتىلىشى كېرەك ئىكەن.

تىرامپنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوبامانىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قانۇنى بىر «ئاپەت» بولۇپ، بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قانۇنىنى تەستىقلايدىكەن. ئۇ يەنە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىن كىيىن مىكسىكا بىلەن چىگرا تېمى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىكەن، مىكسىكا مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل بىلەن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەننەرخىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

تىرامپنىڭ بۇ قېتىملىق باياناتى تاشقى سودا سىياسىتى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلىشىغا چېتىشلىق بولمىغانلىقتىن، يىغىن ئاخىرلاشقاندا، دوللار %0.7 تۆۋەنلىگەن. دوللار كۆرسەتكۈچى %0.2 تۆۋەنلەپ، 101 گە يەتكەن. ياۋرۇنىڭ دوللارغا بولغان پېرىۋوتى %0.2 ئۆرلەپ، 1.0570 گە يەتكەن. دوللارنىڭ ياپۇنىيە يىنىغا بولغان پېرىۋوتى %0.3 تۆۋەنلەپ، 115.45 بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.