شياڭگاڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېچىۋىتىلگەن شەھەرلەر تىزىملىكىدە 3-ئورۇنغا تىزىلدى

gulbostan 2017-01-03 16:33:30

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: شياڭگاڭ جۇڭگو شەھەر رىقابەت كۈچى تەتقىقات ئۇيۇشمىسى، دۇنيا شەھەر ھەمكارلىق تەرەققىيات تەشكىلاتى ھەمدە شياڭگاڭ گۈيچاڭفاڭ دۇنيا رىقابەت كۈچى جەمىيىتى 3-يانۋار 2016-يىللىق دۇنيا رىقابەت كۈچى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۇنيا (ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچى) تىزىملىكىدە، ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە ياپۇنىيە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا تىزىلدى، دۇنيادىكى مەمۇرىي ئۈنىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە جۇڭگو 1- ئورۇنغا، سىنگاپور 2-ئورۇنغا تىزىلدى. دۇنياۋىي شەھەر ئىقتىسادىي گەۋدە رىقابەت كۈچى چىمپىيۇنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرى بولۇپ، سىنگاپور 6-ئورۇنغا تىزىلدى، شاڭخەي 7-ئورۇندا، شياڭگاڭ 9-ئورۇندا تۇردى، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت شەھىرى تىزىملىكىدە پارىژ 1-ئورۇندا تۇردى، شياڭگاڭ 14-ئورۇنغا تىزىلدى، دۇنيادىكى ئەڭ ئېچىۋىتىلگەن شەھەرلەر تىزىملىكىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا دانىيەنىڭ كوپىنھاگىن شەھىرى، گوللاندىيەنىڭ ئامۇستىردام شەھىرى ھەمدە شياڭگاڭ ئالدىنقى 3 ئورۇننى ئىگىلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇڭگو شەھەر ئونۋېرسال رىقابەت كۈچى تىزىملىكىدە شاڭخەي، شياڭگاڭ ۋە شىنجىن ئۈچ شەھەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا تىزىلدى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.