ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالمىدىن باج تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشى ئاقىلانىلىكمۇ؟

gulbostan 2016-09-05 17:32:08

\

يېقىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئالما شىركىتىنى ئىرېلاندىيەدە باجدىن قاچتى دەپ كېسىم چىقىرىپ، ئالما شىركىتىدىن ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىگە 14 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ دېيىشىچە ئالما شىركىتى ياۋروپا قىتئەسى، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ھىندىستاننىڭ زور كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى سېتىش كىرىمىنى ئىرېلاندىيەدىكى ئىككى تارماق شىركىتىنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزگەن، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا قىتئەسىدىكى زور كۆپ قىسىم پايدىنى ھېچقانداق دۆلەتكە تەۋە بولمىغان «باش شىتاب ئىشخانىسى» غا يۆتكىگەن، بۇنداق بولغاندا ئالما شىركىتى ئىرېلاندىيەنىڭ %12.5 لىك تاپاۋەت بېجىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا ئېرىشكەندىن بۇيانقى سوممىسى ئەڭ يۇقىرى باج تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىش ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.