گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى بانكا بىرلىشىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ

gulbostan 2016-09-02 16:47:46

\

گېرمانىيە بانكىسى (Deutsche Bank) ھازىر گېرمانىيە سودا بانكىسى بىلەن بىرلىشىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. لېكىن، نۆۋەتتە بۇ لايىھەنى ئويلىشىش پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىلا بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېرمانىيە بانكىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكىلەر يولغا قويۇلۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن دەپ قاراۋاتىدۇ. گېرمانىيە بانكىسى بىلەن گېرمانىيە سودا بانكىسى بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا گېرمانىيەدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى چوڭ بانكا ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيە بانكىسىنىڭ CEOسى جون كىلەيىننىڭ تۈنۈگۈن بىلدۈرۈشىچە، تۆۋەن ئۆسۈم مۇھىتى بانكا ساھەسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېرمانىيەدە بانكا بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گېرمانىيە بانكىسى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تېخىمۇ كۆپ بانكىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج ئىكەن. پەقەت ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، بانكا ئاندىن ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىغا ئىگە بولالايدىكەن. لېكىن ئۇنىڭ قارىشىچە گېرمانىيە بانكىسى بىلەن گېرمانىيە سودا بانكىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ئانچە مۇمكىن بولمايدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.