ئەگەر ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنسە قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟

gulbostan 2016-06-23 17:50:49

\

ئەگەر ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنسە فونىستېرلىڭغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئەنگلىيەنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى قارارىدا چىكىنمەسلىكنى تاللسا ، ئەنگلىيەگە مۇناسىۋەتلىك مۈلۈك باھاسىنىڭ قىممتى بەلكىم يېنىك دەرىجىدە ئۆرلىشى مۇمكىن، ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى قارارىدا چېكىنىشنى تاللىسا ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۈلۈكى زور خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرايدۇ، يەنىئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىسادىي خەۋپ - خەتەرنىڭ كۆپىيىش ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ، ئەنگلىيە زايوم يەنى ئاتالمىش >> ئالتۇن جىيەكلىك زايوم << پايدا نىسبىتى ئەگرى سىزىقى تىك ھالەتتە چۈشۈش كۆرۈلۈپ ، ئەنگلىيەدىكى بانكىلار, پايچىك بازىرى ,ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە فوند ستېرلىڭ نىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.
ئۇنداقتا ياۋرۇپا رايونى قانداق ئەھۋالغا دۇچ كىلىدۇ؟
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەنگلىيە نىڭ چېكىنىپ چىقىشى ياۋرۇپا رايونىغا چوڭ ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، يەنى ياۋرۇنىڭ كۆرسەتكۈچى ۋە پاي بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ،نەتىجىدە ياۋرۇپا رايونىنىڭ ئىقتساد ۋە مۇقۇملۇقنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇنداقتا يۇقارقى ئەھۋال يۈز بەرسە كىم پايدا ئالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ دوللار كۆرسەتكۈچى ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.