قارا بوران يەمەنگە ھۇجۇم قىلدى

karima 2015-11-11 19:23:57

\


شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەمەننىڭ سۇقۇترا ئارىلى «مىگان» ناملىق تىروپىك بەلباغ قارا بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر، بۇ بوراندا 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان. قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئايال ۋە ئىككى كىچىك بالا بار ئىكەن.
يەمەن ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قارا بوراننىڭ تەسىرىدە ئارالدىكى نەچچە مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا دەرەخلەرمۇ يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ كەتكەن. شۇ جاينىڭ قاتنىشى ھازىر پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
بۇ قارا بوراننىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە سۇقۇترا ئارىلىغا ئىككىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىشى بولۇپ، يەمەن ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە قوشنا دۆلەت بولغان ئوماندىن ياردەم سورىغان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.