ئانالىزچىلار ئۆسۈم نىسبىتى توغرىسسدا نېمىلەرنى دېدى؟

ilkan_5 2026-08-17 19:04:44

\

قىممەتلىك مېتاللار ئانالىزچىسى مۇنداق كۆرسەتتى:گەرچە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسىتى ۋە مەبلەغ ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يىللىق ئوتتۇرىچە مۆلچەرى سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يىل ئاخىرى ھەم تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان مۇقىم بولۇپ، مەركىزىي بانكىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىش ۋە قۇرۇلمىلىق ئېھتىياجىغا بولغان ئىشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

خۇيفېڭ مۇنداق دەپ قارىغان: ئالتۇن يەنىلا ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئۆرلەش بوشلۇقىنى ھازىرلىغان بولۇپ، سىياسەت ۋە جۇغراپىيەلىك ئېنىقسىزلىق ئۇنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش خۇسۇسىيىتىگە داۋاملىق تىرەك بولىدۇ. كېيىنكى بازار ئەھۋالىدا، ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتسا، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش رىتىمى ئاستىلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسى قايتا جانلانسا ياكى مەركىزىي بانكىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشى تېزلەشسە، يىل ئاخىرىدا 4750 دوللارغا يېقىنلىشىش ئېھتىماللىقى ئۆرلەيدۇ.

شىۋېيتسارىيە بانكىسىنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن يەنىلا ماكرو ئىقتىساد، مەبلەغ يۆنىلىشى ۋە مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنىڭ تىرىكىگە ئۇچرايدىكەن. ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىشى، دوللارنىڭ ئاجىزلىشىشى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ سىجىل ئالتۇن سېتىۋېلىشى ئالتۇن باھاسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

گەرچە بازار يەنىلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش سىگنالىنى قوبۇل قىلىۋاتقان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆسۈش لوگىكىسى ئۆزگەرمىدى. كېيىنكى بازار ئىستىقبالىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى، 2027-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 5000 دوللاردىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بارلىقى مۆلچەرلەندى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.