دوللارنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى ئالتۇنغا تىرەك بولدى

ilkan_5 2026-08-17 19:03:56

\

جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7 ـ ئايدا پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ ئايلىق نىسبىتى% 0.6 تۆۋەنلەپ، توققۇز ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەپ، بۇلتۇر 5 ـ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ياراتقان، بۇ، بازار كۆزلىگەن% 0.1 ئېشىشتىن خېلىلا تۆۋەن بولغان. يىللىق نىسبەت جەھەتتە، پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 5.0 ئېشىپ، ئالدىنقى قىممەت% 6.8 كە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىچىگان ئىشتاتىنىڭ داشۆى 8-ئايدىكى ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ دەسلەپكى قىممىتى 55.2 دىن 51 گە تۆۋەنلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىغان.

بۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى CPI ۋە PPI سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىنىڭ يەنە بىر قېتىم سۇسلىشىش سىگنالى قويۇپ بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 9-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشىدىكى يوشۇرۇن ئېھتىماللىقى تەخمىنەن % 33 كە تۆۋەنلىگەن، لېكىن يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇش باھاسى يەنىلا تەخمىنەن % 65 بولغان. ئامېرىكا دوللىرى بېسىمى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باھا ھېسابلىنىدىغان ئالتۇننى تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.