مېكسىكىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسىمىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى

parida 2018-05-17 16:18:51

\

يەرشارى تورى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، رۇسيە ئودمورت جۇمھۇرىيىتىدىكى مەلۇم بىر كەنتنىڭ يېقىن ئەتراپىغا جايلاشقان بىر كونا قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئەتراپنى قۇيۇق ئىس-تۈتەك قاپلىغاچقا، ئەتراپتىكى 2000 دىن ئارتۇق ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلغان؛

يەرشارى تورى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مېكسىكىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسىمىدا 5.2 بال يەر تەۋرىگەن. پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدە ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى چېلىنغان بولۇپ، نەچچە مىڭ ئاھالە ئۆيلىرىدىن چىقىپ كوچىدا پاناھلانغان؛

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئىزچىل ھالدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى؛

سودا مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ياۋرۇپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى بىلەن رەسمىي ھالدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ؛ كېلىشىمنىڭ دائىرىسى تاموژنا ھەمكارلىقى ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش قاتارلىق 13 باب مەزمون ھەمدە ئېلېكترونلۇق سودا ۋە رىقابەت قاتارلىق يېڭى تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۇچۇر ۋە تەجىربە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مال سودىسى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛

فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكارون: ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تېخنىكىلىق تەدبىرلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز؛ ئېران يادرو كېلىشىمى مەزكۇر رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؛ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئېران يادرو كېلىشىمى جەھەتتە بىردەك ئىتتىپاقلىققا ئىگە؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.