كورىيە-چاۋشيەن رەھبەرلىرى «پانمونجوم خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلدى

parida 2018-04-27 18:24:29

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 27-ئاپرىل سائەت 17:00 لەر ئەتراپىدا، كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن پانمونجومنىڭ كورىيەگە تەۋە «تىنچلىق ئائىلىسى»دە «پانمونجوم ئورتاق خىتابنامىسى»غا ئىمزا قويغان.

\

كورىيە-چاۋشيەن باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە سەمىمىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس تىكلىگەن، شۇنداقلا يەنە تىنىچلىق ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن. «پانمونجوم خىتابنامىسى»گە ئىمزا قويۇلۇپ كېلىشىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى كەچلىك تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقان.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.