ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىغا قارىتا ھەرىكەت قوللاندى

parida 2018-04-27 15:19:25

\

ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى: 2018-يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يۇشۇرۇن ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ؛ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى 2019-يىلى ھەتتا 2020-يىلىغىچە داۋاملىشىدۇ؛ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى 2019-يىلى %2 لىك نىشانغا يېتىشى مۇمكىن؛ 2019-يىلى مال باھاسىنىڭ چۈشۈش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ؛
فرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى: ئەگەر ئامېرىكا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن پولات-ئاليۇمىن تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتىنى ئۇزىراتمىسا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىدۇ؛
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە-چاۋشيەن باشلىقلار يىغىنىدا يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە يېرىم ئارالنىڭ تىنىچلىق مەسلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان؛ كورىيە-چاۋشيەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى كۈنتەرتىپى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان؛ ئالاقىدار زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورىيە-چاۋشيەن باشلىقلىرى جىددىي ھەربىي ھالەتنى پەسەيتىش ۋە يېرىم ئارالنىڭ تىنىچلىق مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىش ھەمدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۆز ئىچىگە ئالغان كورىيە-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن؛
كورىيە پۇسان: چاۋشيەن ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېننىڭ خانىمى لى شيۆجۇ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 18:15 دە پانمونجومغا يېتىپ كەلدى، ئارقىدىن كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن ۋە خانىمى «تىنىچلىق ئائىلىسى» دە قىسقا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى؛
يەرشارى تورى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئاقساراي مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مايىك پېمپونىڭ چاۋشيەنگە بېرىپ كىم جۇڭئېن بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.