خەلقئارالىق قىسقا ئۇچۇرلار

parida 2018-03-22 15:53:36

\

جۇڭگونىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگولۇق كېمە خادىملىرى ئولتۇرغان بىر قۇم قېزىش كېمىسى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مالايسىيانىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بىر نەپەر جۇڭگولۇق كېمە خادىمى قازاغا ئۇچرىغان، 12 نەپەر جۇڭگولۇق كېمە خادىمى ۋە باشقا ئىككى نەپەر چەتئەللىك كېمە خادىمىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان؛

شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، كوسوۋو پايتەختى پرىشتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن كوسوۋو يىغىنىدا قارا چېگرا ئايرىش كېلىشىمىگە بېلەت تاشلىنىۋاتقاندا، ئۆكتىچىلەر يىغىن زالىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى تاشلاپ قارشىلىق بىلدۈرگەن؛

ھىندىستان دېپلوماتىيە مىنىستېرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلى ئېراقتا مەلۇم تەشكىلات تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ھىندىستانلىق 39 نەپەر قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ جەسىتى يېقىندا بايقالغان؛ شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى بىھوۋال كەنتىدە، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى قازاغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى؛

ياپونىيە ئىچكى كابېنتى ھۆكۈمەت تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن؛

شىۋتسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا نىسبەتەن ئەندىشە يەنىلا مەۋجۇت؛ ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ھەمدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ سىياسىتىنىڭ سودىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئېنىق ئەمەس؛

گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستېرى: بىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ تەسىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدىغان پۇرسىتىمىز بار؛ ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر سودا مەسىلىسى جەھەتتە بىردەك ئىتتىپاقلىشىدۇ؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.