ھىندىستان دۇنيادىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەتكە ئايلانماقچى

parida 2018-02-02 17:05:04

\

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۈرلۈك قىياسىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى بىر مەھەل ئاستىلاشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كەلگۈسىدىكى بىر يىلدا ئېشىش سۈرئىتى بىر ئاز ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ تور پونكىتىدا 29- يانۋار ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى 3-ئايغىچە داۋاملىشىدىغان 2018-، 2019-مالىيە يىلىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7تىن %7.5كىچە بولىدىكەن، ھىندىستاننىڭ 2017-، 2018-مالىيە يىلىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.75 بولغانىدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال ھىندىستاننىڭ قايتىدىن دۇنيادىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. ھىندىستان مالىيە مىنىستىرلىقى فېدېراتسىيە خامچوتىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشچە، ھىندىستاننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىغا بىر قانچە ئامىل سەۋەبچى بولغان، ئېكسپورت ئاجىزلاش ۋە ئەل ئارا مەبلەغ ئازىيىشمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2016-يىلى 11-ئايدا ئومۇمىي قىممەتنىڭ %86تىنى ئىگىلەيدىغان ئوبوروت قىلىنىۋاتقان قەغەز پۇلنىڭ توساتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى (بۇنىڭ تەسىرى 2017-يىلىغىچە داۋاملاشتى)مۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.
تۇرالغۇ ئېچىش پۇل مۇئامىلە شىركىتى بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ئابشىك بارۇئا مۇنداق دېدى:«مۆلچەرلەنگەن سانلىق مەلۇماتتا يەنە ئېشىشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر قىسىم خەۋپ- خەتەرلەرمۇ ئويلىشىلدى، بولۇپمۇ ماي باھاسى خەتىرى. ئەگەر ماي باھاسى مۇقىم بولسا ياكى داۋاملىق ئۆرلىسە، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئېشىش مۆلچەرىمىز %7 بولىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ بىر ئەڭ تۆۋەن ۋە ئىشەنچلىك مۆلچەر دائىرىسى. ئەگەر ماي باھاسى كۆرۈنەرلىك تۇراقلىق ھالەتنى ساقلىسا، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياج قىسمەن ئۆرلەيدۇ، ئۇ ھالدا ئىقتىسادنىڭ ئىپادىسىمۇ ھازىرقى مۆلچەردىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.» خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندىكى نېفىتنىڭ %70تىن كۆپرەكى ئىمپورت قىلىنىدىكەن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھىندىستاننىڭ 2018-، 2019-مالىيە يىلىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7.4 بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە «سودا گېزىتى» تور پونكىتىنىڭ 29- يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەتكە ئايلانماقچى ئىكەن. بۇ دۆلەت ھۆكۈمىتى 29- يانۋار ئېلان قىلغان مۆلچەر دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، 2019-يىلى 3-ئايدا ئاياغلىشىدىغان كېلەركى مالىيە يىلىدا، ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەرى %7تىن %7.5كىچە بولىدىكەن. بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ 2017-، 2018-مالىيە يىلىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەرى %6.75 بولغان. ھۆكۈمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى كۆزلەنگەن ئىقتىسادىي سۈرئەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.