تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئوباما بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلىپ باقمىغان

parida 2018-01-22 18:48:57

\

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىندا مۇنداق بىر كۈتۈلمىگەن خەۋەرنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا بىر يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن ھېچقانداق شەكىلدە بىۋاسىتە ئالاقە قىلىپ باقمىغان. تىرامپنىڭ بۇ قىلمىشى بۇندىن بۇرۇنقى ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭ ۋە سابىق زۇڭتۇڭلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە قىلىپ تۇرۇشتەك ئادىتىنى بۇزۇۋەتكەن.

\

ئامېرىكىدىكى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئادەتتە ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭلىرى ۋە يېڭى زۇڭتۇڭلىرىنى دوستانە مۇناسىۋەتتە ئۆتىدۇ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ھېچ بولمىغاندا مۇئەييەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن. تىرامپ بىلەن ئوبامادەك مۇناسىۋەتنى بىراقلا ئۈزۈۋەتكەن زۇڭتۇڭلار كۆرۆلۈپ باقمىغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، تىرامپ بىلەن ئوبامانىڭ ئالدىنقى قېتىملىق دىيالوگى بىر يىل بۇرۇنقى تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان چاغدىكى مۇراسىمدا بولغان. سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما بۇرۇنقى قائىدە بويىچە ئاقسارايدىكى يۇمىلاق ئىشخانىنىڭ تارتمىسىغا كېيىنكى زۇڭتۇڭ تىرامپقا تەبرىك خېتى قالدۇرۇپ قويغان. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن، سىزنىڭ بىر قېتىملىق غەلىبىلىك سايلام رىقابىتىنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. نەچچە مىليون خەلقنىڭ ئارزۇسى سىزگە يۈكلەندى، ھەممىمىزنىڭ قايسى پارتىيە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بىز سىزنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جەرياندا ئامېرىكىنىڭ گۈللىنىشى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغدىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىرامپ سابىق زۇڭتۇڭ قالدۇرغان بۇخەتتىن خېلى تەسىرلەنگەن ھەم ئوباما بىلەن تېلېفونلاشماقچى بولغان. بىراق ئۇ چاغدا ئوباما ئايروپىلان بىلەن كالىفورنىيەگە كەتكەن بولغاچقا بۇ ئىككى زۇڭتۇڭ تېلېفونلىشالماي قالغان. كېيىن ئوبامانىڭ بىر ياردەمچىسى ئاق ساراي بىلەن ئالاقىلەشكەندە تىرامپ ئۆزىنىڭ تەبرىك خېتىگە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن، بۇ ياردەمچى تىرامپنىڭ رەھمىتىنى ئوباماغا يەتكۈزۈپ قويغان.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تىرامپ بىلەن ئوباما ئارىسىدا ھېچقانداق دىيالوگ ياكى كۆرۈشۈش بولۇپ باقمىغان. بۇ ئىش ئىلگىرىكى زۇڭتۇڭلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىپ تۇرۇشتەك ئادىتىنى بۇزۇۋەتكەن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا يېڭى زۇڭتۇڭ سابىق زۇڭتۇڭنى ئىزدەپ تەكلىپ پىكىر سورايدىغان ئادەتتە بار بولۇپ، يېڭى زۇڭتۇڭ سابىق زۇڭتۇڭنىڭ ئارىسىدا سىياسىي قاراش جەھەتتە ئىختىلاپ بولسىمۇ، ھەتتا ئىككىيلەن سايلامدا ئۆزئارا دۈشمەنلەشكەن بولسىمۇ بۇ خىل ئەنئەنە تارىختىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالمىغان.
نۆۋەتتىكى ئىككى زۇڭتۇڭنىڭ بۇ ئىشىغا روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى ئوباما يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقتىدا سابىق زۇڭتۇڭ كىچىك بوش بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقە قىلغان. كىچىك بوشمۇ ئوچۇق ئاشكارا ئوباماغا بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئوبامامۇ ئۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرغان. كىچىك بوش ئىلگىرى تېخى ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر ياردىمىمگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تېلېفوننى قولىڭىزغا ئېلىپ ماڭا تېلېفون قىلسىڭىزلا بولىدۇ، دېگەن.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى زۇڭتۇڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى دوستانە دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن. تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان كۆپ قېتىم ئوبامانىڭ ئىلگىرىكى سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئوبامامۇ كۆپ قېتىم يىغىلىشلاردا تىرامپنى تىلغا ئېلىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئوبامانىڭ تېببىي ئىسلاھاتىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىگە قارشى تۇرغان. تىرامپنىڭ «پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمى» دىن چېكىنگەنلىكىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە تىرامپ قارشى تۇرغان بىر قىسىم سىياسەت تەدبىرلەرنى قوللىغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.